نەۋباھار خانىمنىڭ سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىنى چۈشەندۈرۈشى

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى».ژۇرنالنىڭ رەڭگاراڭ بەتلىېرى ۋە سەھىپىلىرى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان، شوخ ، تېتىك مىجەز خاراكتېرىگە ماسلاستۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىش بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دىنى ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش، ئۇيغۇر تارىخى ، تەبىئەت، جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغان.ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ، ئىمارەت –مەسچىتلىرى ، ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتقان ئەجداتلىرىمىز ھەققىدە بالىلارغا ئۇيغۇن بولغان مەزمۇنلار چۈشەندۈرىلىدۇ. بەزى ئۆسمۈر ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈنمۇ شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

نەۋباھار يازمىسى . 2019-1-مارت جۈمە

مەنبە: https://www.facebook.com/tiwish.tiwix

nvbaar

nvbaar2