«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولۇڭ (2022 - يىللىق)

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولۇڭ (2022 - يىللىق)
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتابخومار، ئەۋلادسۆيەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل مۇشتەرى بولۇپ، قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە ژۇرنىلىمىز 6 – يىلىغا قەدەم قويدى.
تۈركىيەدە دوللارنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ ژۇرنالنىڭ بېسىلىش تەننەرخى ۋە پوچتا ھەققى بىزنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويماقتا. شۇڭا بۇ يىلى مۇشتەرى ھەققىنى ئازراق تەڭشىدۇق. ژۇرنالنىڭ توختاپ قالماسلىقى كونا مۇشتەرىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرىشىغا ۋە يېڭى مۇشتەرىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە باغلىق.
تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
2022 – يىللىق مۇشتەرى ھەققى:
تۈركىيە: 100 لىرا (پوچتا ھەققىنى ئىچىگە ئالمايدۇ)
ياۋروپا دۆلەتلىرى: 35 ياۋرو (پوچتا ھەققى ئىچىدە)
باشقا دۆلەتلەر: 40 ئامېرىكا دوللىرى (پوچتا ھەققى ئىچىدە).
ژۇرنىلىمىز سۈرەتلىك، پەسىللىك دىنىي ژۇرنال بولۇپ، ياش – ئۆسمۈرلەرگە دىنىي مەلۇماتلارنى ئانا تىلدا سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ژۇرنىلىمىز ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەر ساھەسىدىكى تۇنجى ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى بولۇپ، مۇشتەرىلەرنىڭ سانى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان 20 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقىتىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە 21 سان نەشردىن چىقتى. بۇندىن كېيىنمۇ سىلەرنىڭ مۇشتەرى بولۇپ قوللىشىڭلار بىلەن رەڭدار سەھىپىلىرى ئارقىلىق ياش ئەۋلادلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ.
مۇشتەرى بولۇش تېلېفون (ۋاتىسئاپ) نومۇرى:
05530707350
WhatsApp