كومپىيۇتېردا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرگە

ئەسسىلام قېرىنداشلار، يېقىندىن ياقى كۆڭلۈم پاراكەندە. سەۋەبى مۇنداق:     ئۆزۈم ئىچكىرىدە ئۇزۇن يىل يۈرگەنلىكتىنمۇ، دائىم بازاردىن خەنزۇچە ماركىلىق يىمەكلىك سېتىۋالغاندا تەركىبىگە بەك دىققەت قىلاتتىم،ھەر بىر تەركىپنىڭ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى ئايرىم ئايرىم تەكشۈرۈپ ئۆزۈمنى خاتىرجەم قىلىپ ئاندىن ئىستىمال قىلاتتىم،شۇنداقلا بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئىسلام دىنىدا ئستىمال قىلىش چەكلەنگەن تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئەتراپىمدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتىم. خىيالىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان ئىش شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە يىمەكلىكلىرىدىمۇ بۇ تەركىپنى بايقاپ قالدىم...قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. دىگەندەك، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى ئۇيغۇرچە،لېكىن "مۇسۇلمانچە" دەيدىغان بەلگە يوق زاۋۇت ئادرىسىمۇ ئىچكىرىنىڭ ئىدى.