سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى 16- سان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم

بىز بۇندىن 5 يىل بۇرۇن بىر ژۇرنال چىقىرىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالدۇق. 

ئىسمى «سىيرەت ئۆسمۈرلەرژۇرنىلى» ئىدى.

ژۇرنال ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ياردىمى بىلەن 2017-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى بېسىلىپ رەسمى تارقىلىتىلىشقا باشلىدى.

 بۇ ژۇرنال پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى.

بۇ ژۇرنال پەسىللىك بولۇپ، يىلدا 4 سان چىقىرىلىدۇ. ھەر سان 60-70 بەت ئەتراپىدا. ھازىرچە ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچەكوردچە ۋە ئەرەبچە بەش تىلدا نەشىر قىلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇرچىسىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق.

بۇ ژۇرنال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئېھتىياجىنى ئازراق بولسا بولسىمۇ قاندۇرالىسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلامىز.

بۇ بۇساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تاشلانغان تۇنجى قەدەم، بۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشالىشى ئىلىمسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىغا باغلىق.   

ژۇرنالنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن  ئاز دېگەندە 500 مۇشتەرىگە ئېھتىياجى بار. بولـمىغاندا باستۇرۇپ تارقاتقىلى بولـمايدىكەن. 

شۇڭا ھەرقايسى دۆلەت ۋە شەھەرلەردىكى  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ،  ھەربىرلىرى باشلامچى بولۇپ مۇشتەرى بولۇپلا قالـماي قېرىنداشلىرىمىزنى مۇشتەرى بولۇشقا تەرغىب قىلىش ئارقىلىق بۇ خىزمەتكە يار يۆلەك بولۇشلىرىغا تىلەكداشمىز.

تىرىشچانلىق بىزدىن، قوللاش سىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىن.

https://www.facebook.com/uyghursiyret

http://www.siyret.com/

Siyretosmur@gmail.com

ھۆرمەت بىلەن