قومۇل ئون ئىككى مۇقامى توغرىسىدا

قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى قەدىمىيلىككە،قويۇق مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا -مۇزىكىلار جۇغلانمىسى بولۇپ، ئۇ قۇمۇل خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ھەم سەنئەت ھاياتىنىڭ قىممەتلىك مەھسۇلىدۇر.قۇمۇل خەلقى ئەجدادلارنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا ياراتقان بۇ سەنئەت بايلىقىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ،بېيىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئۇنى ئۆزىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە ئېلىپ كەلگەن. قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى نىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇسلۇب ،كۈي ، ئاھاڭ ، نەغمە شەكىللىرى، مۇقام ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى ۋە تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ،بەزى مۇقام ناملىرى ۋە تەرتىپنىڭ ئوخشىماسلىقى ،بېيىت - قوشاقلىرىنىڭ موللىقى ، خىلمۇ - خىل شەكىل ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەنلىكى، پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن كەلگەنلىكى ۋە قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام دىكى بەزى مۇقاملار ئون ئىككى مۇقام دىكىدەك راك مۇقامى ، چارگاھ مۇقامى ، چەببىيات مۇقامى ، مۇشاۋىرەك مۇقامى ،ئىراق مۇقامى دەپ ئاتالسىمۇ، قالغان مۇقاملار دۇر مۇقامى ، ئۇلۇغ دۇر مۇقامى ، جانىكەم مۇقامى ، يالغۇز تۇيۇن مۇقامى دېگەنگە ئوخشاش يەرلىك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ . يۇقىرىقى مۇقاملارنىڭ ئايرىم يەرلىك ناملىرىمۇ بار . شۇنداقلا قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىدە يازما شېئىرىيەت ئۈلگىلىرى يوق دېيەرلىك . بەلكى ئۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەلق بېيىتلىرى ۋە خەلق قوشاقلىرىدىن تۈزۈلگەن ، ھەر بىر خىل ئاھاڭدا كېلىدىغان ئۇلانما ، قايتۇرمىلارمۇ كۆپ ھەم خىلمۇ - خىل . مەسىلەن : ئايارەي ،داغلارەي، ئاي ، يەي ، ھەي ، ۋاي ، جېنىم - جېنىمەي ،خېنىمەي ، جېنىم ئوتۇڭ سېنىڭ ، بى دەرد ، داغۇ - پەريادەي ، شاھ پىرىم ئويناڭ ،شىشىلىشىپ ئويناڭ ، جىنىم ئويناڭ ، نادان ئويناڭ ، ئەي خارابىڭمەن، ئۆرۈلدى پەلەك ، چۆرۈلدى پەلەك ، ۋاي دادەي ، نادانىڭمەن ، شۇنداق نادانىڭمەن ، جېنىم ئاغچام ، خان لەيلۇن ، پاھ ، پاھ مەشۇقۇم ، شەرى خۇمارى ، قۇرغۇيۇڭ بولاي ، خۇمارىم ، يار سەنەم ، دەردىڭ يامان ، كۆيدۈرۈشۈڭ ئاندىن يامان ، ھەيرانۇم ، گۇلبانۇم ، شەرۋانەم ، ئانارخان يارىم دوست ، مودەنخان ..... مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىلمۇ -خىل تۈسكە ئىگە سۆزلەر ھەر قايسى ناخشا كۈيلەردە ئۇلانما ياكى قايتۇرما بولۇپ كېلىدۇ. بۇ ئۇلانمىلار ئىچىدىكى << ئەي ، ھەي ، مەي ، يەي ، نەي ، رەي ، ۋەي ، ڭەي >> دېگەنگە ئوخشاش ئۇلانمىلار ئۆلۈك بىر فورمۇلا بويىچە ئۇلىنىپ كەلمەستىن ، بەلكى ناخشا تېكىستلىرىدىكى مىسرا ۋە سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى تاۋۇشقا قاراپ ، ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا جانلىق ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن :تۆۋەندىكى ناخشا تېكىستىگە قاراپ باقايلى ؛ياغلىقىمنى (يەي ) كۆك بوياتتىم ، (مەي)// بەلبېغىمنى (يەي ) ھالۋىرەڭ ، (ڭەي) //يېڭى باغدا (يەي ) ئالما پىشتى ، (يەي)كۈندە كېلىپ ئالما يەڭ . (ڭەي)قۇمۇل ناخشىلىرىدىكى رەڭگا - رەڭ ئۇلانمىلار ۋە قايتۇرمىلار ناخشا - مۇزىكا رىتىمى ، مەزمۇنى ۋە ھېسسىياتىنى تولۇقلاش ،راۋانلاشتۇرۇش ، كۈچەيتىش ، ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ۋە ئېستېتىك لەززىتىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.<< قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نىڭ ناخشا - كۈيلىرىنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىش مۇمكىن . قۇمۇل مۇقاملىرىدا دەسلەپ يالغۇز قۇمۇل غىجىكىنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن قىسقا مۇقام ئېيتىلىدۇ. ئاندىن مۇڭلۇق ، يېنىك ھەم ئاستا ئېيتىلغان مەشرەپ ناخشىلىرىغا ئۆزگىرىدۇ. ئارقىدىنلا شوخ ، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان سەنەم ناخشىلىرى باشلىنىپ ، ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قۇمۇل مۇقام ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى مۇڭلۇق ، ئەمما دولقۇنسىمان، ئۇسلۇبى يېنىك ، ئەمما ئۆزگىرىشچان ، بولۇپمۇ كۈي - نەغمىلەرنىڭ تەشكىللىنىش تەرتىپلىرى مۇرەككەپ ، يېپىشقاق بولغانلىقتىن ،؛ئاھاڭلارنى ئۆزگىرىش، چۈشۇرگىلىرىنىڭ ئالمىشىش جەريانىنى پەرق ئېتىش تەسرەك. << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە بىر نەچچە قېتىم تەرتىپكە سېلىنىپ خاتىرىگە ئېلىنغانىكەن. قۇمۇل ۋاڭى ئوردىسىدا توي - تۆكۈن ،ھېيت - بايرام ، سەيلە - ئارام كۈنلىرىدە ، ئوردا ئەھلى ۋە جامائەتچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەل ھاپىزلىرى بولغان . قۇمۇل ۋاڭلىقىغا قاراشلىق ھەر قايسى يېزا - قىشلاقلاردىن چاقىرىپ كېلىنگەن خەلق ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر سازەندە ، ناخشىچى ، مۇقامچىلار بولۇپ ، قۇمۇل ۋاڭلىقى ئۇلارنىڭ مەخسۇس پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوردىغا قاراشلىق مۇنبەت يەرلەردىن بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ بەرگەن. قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نى تەرتىپكە سېلىشقا بىر قەدەر تۆھپە قوشقان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى 1920 - يىللاردا ( قايسى يىل ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس) شاھ مەخسۇت 15 - ئەسىردە ئۆتكەن يەكەن سۇلتانى ئابدۇرىشىتخاننىڭ << ئون ئىككى مۇقام >>نى رەتكە سېلىپ خاتىرىگە ئالدۇرغانلىق ئىشىدىن ئىلھاملىنىپ ، << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نىمۇ رەتلەپ ، خاتىرىگە ئالدۇرۇش قارارىغا كەلگەن. بىراق ، بۇ ئىشنى ئوردىدىكى مۇتەئەسسىپ ، ئۆلىمالار ئەيىبلەپ، بۇ <<شەيتاننىڭ ئىشى ، ئىماننى سۇسلاشتۇرىدۇ.>> دەپ شاھ مەخسۇتقا نارازى بولغان. شاھ مەخسۇت بۇ ئىشتىن خاپا بولۇپ ، ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى << ئىلمىي مۇسقىيۇن >> دېگەن كىتابنى ئالدۇرۇپ چىقىپ : << بۈيۈك مۇزىكا كىتابىنى يازغان كىشى ئىسلامدا سىلەردىنمۇ كامىل كىشى ئىدى >> دەپ ئۆز كۆز قارىشىنى دەلېلىگەن ھەم بۇ كىتابنى مەدرىسىلەردىكى مۇدەررىس، ئىمام ، قارى ، تالىپلارنىڭ دەرسلىك سۈپىتىدە قوللىنىشىغا بۇيرۇغان ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار شاھ مەخسۇتنىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدا قايتا ۋەز ئېيتمىغان. شۇنىڭ بىلەن شاھ مەخسۇت ئوردا كاتىپلىرىدىن ئىبراھىم خەلپە ، ياقۇپ خېتىپ قاتارلىق خەتتاتلارنى تەييارلاپ، قۇمۇل مۇقاملىرىنى رەتلەش ئىشىنى باشلىۋەتكەن.شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە نومدىن : غىجەكچى ھەم مۇقامچى ھادى بوۋا ، ناخشىچى جاننارىخان، جانبانوخان؛ قورايدىن ئايشىخان ،خۇپتىخان ، يېتەرخان ؛ قۇمۇل شەھەر ئىچىدىن : غىجەكچى ، مۇقامچى ھەم ئالتۇنچى كۆسۈنىياز ،بەرباپچى ھەسەن كەكلىك، ناخشىچى روزى قىز ، خۇپتىخان ، مېھرېبانۇ ئاپپاق، خۇشنارى ئاپپاق ، مەڭلىك ئۇستام ؛پالۋانتۇردىن : تۇرسۇن دورغا قارا دۆۋىدىن : راۋابچى ماياق ھاشېر بەگ تۆۋەنتۇردىن : گۇشۇڭ نۇرۋانىخان، شەمشىخان ... قاتارلىق ئەڭ مەشھۇر ئەلنەغمىچى، مۇقامچىلار قاتناشتۇرۇلۇپ << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى>>تارىختا تولۇق رەتلىنىپ خاتىرىگە ئېلىنغان. بىراق ئەڭ ئېچىنارلىقى ئەھۋال شۇكى، مۇشۇنداق تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە زور مەنىۋى گۆھەرنى 1932 - يىلدىكى شىڭ شىسەي قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەندە، نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ھەشەمەتلىك ۋاڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈش بىلەنلا قالماي ، ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى مىڭلىغان كىتابلارنىمۇ بىللە كۆيدۇرۋەتكەن. بەختكە يارىشا ئۇنىڭ ئىبراھىم خەلپە تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر نۇسخىسى قۇمۇل شەھەر ،ئاقيەردە تۇرۇشلۇق موللانۇر دورغىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇمۇ بالايىئاپەت  << مەدەنىيەت ئىنقىلابىي >> دا كونا كىتابلار بىلەن بىللە كۆيدۈرۋېتىلگەن.1930 - يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، 1940 - يىللاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن مەلۇم خىزمەت نەتىجىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، مەيلى شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى بولسۇن، مەيلى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بولسۇن ھېچقايسىسى قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نىڭ تەرتىپلىرى ئۆز ئېقىمىغا قۇيۇۋېلىپ ،قالايمىقانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن؛ بەزىلىرى بولسا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىن ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە << قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >>نى رەتلەش ،تەرتىپكە سېلىش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، 1950 - يىللاردا بىرىنچى قېتىم ئەھۋال ئىگىلىنىپ ،دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. 1963 - يىلىغا كەلگەندە مەركىزى مىللەتلەر مۇزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بىر قىسىم ئەلنەغمىچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ بىرىنچى قېتىم لېنتىغا ئېلىنغان. بۇنىڭدا قۇمۇل شەھەر ئىچىدە 85 ياشلىق مەشھۇر ئەلنەغمىچى مەڭلىك ئۇستا ، ئابلەت قادىر (ئاق پاشا)،راۋاپچى ئەمەت قالتىس،بەرباپچى تالىپ خېتىپ، غىجەكچى ئاخۇنبەگ، يۇنۇس سۆلەت، قارا تالدىن: سەدۇللام ، ئاستانىدىن :يۈسۈپ خىلىل، ئارا ئاقيەردىن : راشىدىن ئىمام ، لوجەۋەندىن : داڭ - داڭ تۇرسۇن ، ....قاتارلىق داڭلىق مۇقامچىلار قاتناشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانلىشىشقا يۈزلەنگەن <<قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> ناخشا - كۈيلىرىنىڭ ئەسلى تەرتىپ ئاساسى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، قايتىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. 1975 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم لېنتىغا ئېلىنغان. 1982 - يىلى 5 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇمۇلغا كېلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ، قۇمۇل مۇقاملىرىنى رەتلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ،ئاخۇنبەگ ، ئاق پاشا ، سەدۇللا قاتارلىق داڭلىق ئەلنەغمىچىلەرنى تەشكىللەپ ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ، تەتقىق قىلىپ<< قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نىڭ خېلى مۇكەممەل بولغان قۇرۇلما سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىققان.<< قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> 24 شۆبە ، 360 چۈشۈرگە ( نەغمە) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ ،ھازىر ئۇنىڭ 19 شۆبە ،262 چۈشۈرگىسى(نەغمىسى) ساقلىنىپ قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇلۇغدۇر ، دۇئا ، راك ، ئىراق ، دولان مۇقاملىرىنىڭ ئىككىنچى شۆبىسى بىلەن نەغمىلىرى يوقىلىپ كەتكەن.<< قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى >> نىڭ يېڭى تەرتىپى تۆۋەندىكىچە :بىرىنچى ، دۇر مۇقام (يۈردۈم ئالەم مۇقامى ) ئىككى شۆبە بولۇپ ، بىرىنچى شۆبىسى 17 نەغمە، ئىككىنچى شۆبىسى 13 نەغمە .ئىككىنچى، ئۇلۇغ دۇر مۇقامى ( ھاي -ھاي ئۆلەن مۇقامى) بىر شۆبە ، 10 نەغمە.ئۈچىنچى ، مۇستەھزاد مۇقامى ( يالغۇز تۇيۇن مۇقامى) ئىككى شۆبە بولۇپ ،بىرىنچىسى 13 نەغمە ،ئىككىنچى شۆبىسى 16 نەغمە.تۆتىنچى ، چارگاھ مۇقامى ئىككى شۆبە بولۇپ ، بىرىنچى شۆبىسى 9 نەغمە ، ئىككىنچى شۆبىسى 13 نەغمە .بەشىنچى،خۇپتى مۇقامى ئىككى شۆبە بولۇپ ، بىرىنچى شۆبىسى 20 نەغمە، ئىككىنچى شۆبىسى 13 نەغمە .ئالتىنچى ، چەببىيات مۇقامى ( جانىكەم مۇقامى ) ئىككى شۆبە بولۇپ ،بىرىنچى شۆبىسى 10 نەغمە ، ئىككىنچى شۆبىسى 14 نەغمە .يەتتىنچى ، مۇشاۋىرەك مۇقامى ( دەردىڭگە داۋا مۇقامى) ئىككى شۆبە بولۇپ ، بىرىنچى شۆبىسى 13 نەغمە ، ئىككىنچى شۆبىسى 12 نەغمە .سەككىزىنچى ، ئۇزھال مۇقامى ( دەردىلىۋا مۇقامى ) ،ئىككى شۆبە بولۇپ ، بىرىنچى شۆبىسى 15 نەغمە ، ئىككىنچى شۆبىسى 12 نەغمە .توققۇزىنچى ،دۇئا مۇقامى ( كىچىك دەردىڭ يامان مۇقامى ) بىر شۆبە ، 10 نەغمە .ئونىنچى ،دولان مۇشاۋىرەك مۇقامى ، بىر شۆبە ، 11 نەغمە ئون بىرىنچى ، ئىراق مۇقامى ( چوڭ دەردى يامان مۇقامى بىر شۆبە ، 13 نەغمەئون ئىككىنچى ،راك مۇقامى - بىر شۆبە، 11 نەغمە.