كېلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار ئاگاھ

ئاللاھ بىزگە ھەر تۈرلۈك نىئمەتلەرنى ۋە ياكى قىسمەتلەرنى بىرىش ئارقىلىق سىنايدۇ .ئەگەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بويىچە تىگىشلىك جازاغا ئۇچىرايسىز .شۇ نىئمەتلەرنىڭ قاتارىدا ئادەمنىڭ نەپسىنى سىنايدىغان ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ بىرسى --سۆلەتتۇر .
چىرايلىق يىگىتكە ھەممە ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ .چىرايلىق يىگىتتىن قالدۇرۇلغان ئەۋلات ھەم ئاللاھ خالىسا چىرايلىق بولىدۇ .شۇڭا كۆپىنچە قىزلار چىرايلىق يىگىتلەرنى جۆرە قىلىشقا ئامراق .بۇ ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇ .ھەم ئۆز نۆۋىتىدە چىرايلىق قىزلار تەبىئەتكە ھۆسۈن قوشقۇچى گۈل چىچەككە ئوخشاش ئەر كىشىگە ئارام بەخىش ئاتا قىلىدۇ .
ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چىرايلىق يىگىتلەر ئاق كۆڭۈل ۋە باتۇر كىلەتتى .چىرايلىق قىزلارمۇ ھەم ئەخلاقلىق ۋە يۈزى تۆۋەن كىلەتتى.
لېكىن سىز جەمىيەتتىكى مۇنداق بىر خىل ھادىسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟ھازىر شەھەر پۇخراسى ئىچىدىكى زور ساندىكى چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار ئۇيغۇرنىڭ پاك قېنىنى پاسىقلاشتۇرىدىغانلارنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .
بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە بۇ ھادىسە بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق .چىرايلىق يىگىتلەر ئۆزىنىڭ سۆلىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىززەت ئىپپىتىگە تېگىپ ئاخىرىدا خۇددى چوشقىدەك مەسئولىيەتسىزلىك قىلىدۇ -دە ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى بۇزغۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلالمايدۇ .
زىنا قىلغان ئەركەكتىن تۇغۇلغان ئەۋلات ياكى زىنا قىلغان ئايال زاتىدىن تۇغۇلغان ئاۋلاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە .شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىسلام دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ،ئىتىقاتى ئاجىز <غىتمەك سۆلەت> ياش بىر ئەۋلاتلا يىتىشىپ چىقماقتا .بۇ ھادىسە يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن باشقا مىللەت ئىچىدىكى <چىرايلىق >زىناخورلارنىڭ <تۆھپىسى> دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
چىرايلىق يىگىتلەردە ۋە چىرايلىق قىزلاردا ئۇيغۇر نىڭ ھەققى كۆپ .ئەگەر ئۇلار بۇزۇلسا مىللەتنىڭ ساپاسى نەگە بارار ؟
ئاللاھ قۇرئاندا: زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ دېگەن. (نۇر سۈرىسى 3 ـ ئايەت)
ھەي مۇسۇلمان دەپ ئاتالغان كىلىشكەن ئۇيغۇر ئەركىكى !!سىز زىنا قىلغانمۇ !!ئەگەر زىنا قىلغان ۋە چىن دىلىڭىزدىن تۆۋۋە قىلماي تۇرۇپ پاك ئۇيغۇر قىزىنى ئېلىشقا ئۇرىنىشىڭىزنىڭ بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز !!