سىيرەت ژۇرنىلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ياردىمى بىلەن 2017-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى. بۇ ژۇرنال پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى.

ژۇرنىلىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، ئىش – پائالىيەتلىرى، ھېكايىلەر، شېئىرىيەت گۈلزارى، ساياھەت خاتىرىسى، قىزىقارلىق كارتونلار، ساھابىلەر ھاياتىدىن ئۈنچىلەر قاتارلىق رەڭدار سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلغۇسى!

بۇ ژۇرنال پەسىللىك بولۇپ، يىلدا 4 سان چىقىرىلىدۇ. ھەر سان 60-70 بەت ئەتراپىدا. ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە تۆت تىلدا نەشىر قىلىنىدۇ.

ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئىلىمسۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ، يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەربىر تىلدىكى ژۇرنالنىڭ يىللىق باھاسى: 50 تۈرك لىراسى، ياكى 13 ياۋرو ۋەياكى 15 دولار.

ئەسكەرتىش: ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانى 1000 دانە بېسىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىنىڭمۇ بېسلىپ بېسىلمايدىغانلىقى سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارغا باغلىق. يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلىسە بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىمۇ بېسىلىپ تارقىتىلىدۇ…

مۇشتەرى قۇبۇل قىلىش ئادرېسى: siyretosmur@gmail.com

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

جاۋاب يېزىش

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.