سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىنىڭ 8-سانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا، مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟


ئىلمى خىزمەتنىڭ قەدرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئەزىز قېرىندىشىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ
قانداق ئەھۋالىڭىز؟
«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟ بولۇپ بولغان بولسىڭىز ئاللاھ رازى بولسۇن.ئەمدى ئەتراپىڭىزدىكى ئائىلىلىك دوست-يارەنلىرىڭىزگە تەۋسىيە ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قوللاپ بەرگەيسىز. ناۋادا تېخىچە ۋاقتىڭىز يەتمىگەن بولسا ئازراق كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ. چۈنكى بۇ، سەپداش /تەقدىرداشلىرىڭىزنىڭ تەقدىم قىلىۋاتقان ئەرزىمەس سوۋغىسى.
«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ياردىمى بىلەن 2017-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمى تارقىلىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 7 سان چىقىپ بولدى.
ئۇمۇمى 8-، 2018-يىللىق 4- سانمۇ نەشرىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.
ژۇرنال پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، ساھابىلارنىڭ ھاياتى، ساھابە چاقچاقلىرى، زىيارەت خاتىرىسى، دىنى ھېكايە-قىسسەلەر، دىنى مەزمۇنلۇق تېپىشماقلار، بايراقچىلار… قاتارلىق سەھىپىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ساھادە تۇنجى ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ژۇرنال پەسىللىك بولۇپ، يىلدا 4 سان چىقىرىلىدۇ. ھەر سان 60-70 بەت ئەتراپىدا.
ـ تۈركىيەدىن مۇشتەرى بولىدىغان قېرىنداشلىرىمىز يىللىق مۇشتەرى بولالايدۇ.
مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى ھەققىنى تۆۋەندىكى ھېسابقا يوللىغاندىن كېيىن تالون (Dekont) بىلەن ئېنىق ئادرېس ۋە تېلىفون نومۇرىڭىزنى siyretmushteri@gmail.com ئادرېسىغا يوللاپ بەرسىڭىز ژورنال شۇ ئادرېسقا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ
Hesab Adı: Farabi eğitim
kültür ve araştırma derneği
Banka Adı: Kuveyt Türk
Şube Adı: Kocamustafapaşa Şubesi
Hesap No: 10052577-3
IBAN: TR22 0020 5000 0100 5257 7000 03
-باشقا دۆلەتلەردىن مۇشتەرى بولماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا:
ھەرقايسى دۆلەتتىكى ۋاكالەتچى قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى مەۋجۇت بولغان جەدۋەلدە ئىسمى يېزىلغان قېرىندىشىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشتەرى بولالايسىز.
ئەزىز قېرىندىشىم، بۇ ژۇرنال ھەممىمىزنىڭ؛ تامچە تامچە كۆل بولۇر، قوللىساڭلار تەرەققى قىلور.
تىرىشچانلىق بىزدىن، قوللاش سىلەردىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىن.

ھۆرمەت بىلەن
«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» تەھرىيراتى
http://www.siyret.com
siyretmushteri@gmail.com
siyretuyghur@gmail.com

ھەققىدە باشقۇرغۇچى

ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر بەندە!

تەكشۈرۈڭ

سىز مۇشتەرى بولۇڭ، بىز يەتكۈزۈپ بىرەيلى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»نىڭ داۋاملىشىشىنى خالايسىزغۇ ؟ ئۇنداق بولسا ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ …

جاۋاب يېزىش

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.