كېلىڭلار دوستلىرىم ئوقۇيلى قۇرئان

كېلىڭلار دوستلىرىم ئوقۇيلى قۇرئان

ماھىنۇر مۇھەممەتئېمىن

كېلىڭلار دوستلىرىم ئوقۇيلى قۇرئان،
مۆئمىننىڭ دەردىگە قۇرئاندۇر دەرمان.
قۇرئاندىن كۈچلىنىپ جەسۇر بولايلى،
بىزلەرگە قورالدۇر قۇرئان ھەرقاچان.

دۈشمەنلەر كەلسە گەر قۇترىتىپ بوران،
بىز غايىپ قۇدرەتتىن تۇرارمىز ئامان.
كېلىڭلار ئوقۇيلى قايتا ـ قايتىلاپ،
قۇرئاندۇر بىزگە نۇر، ھادى،پاسىبان.

بولسا گەر قەلبىمىز غەمدىن پەرىشان،
قۇرئاندىن شادلىققا چۆمىمىز ھامان.
قالساق گەر تەمتىرەپ مۈشكۈل يوللاردا،
يول چىقار قۇرئاندىن ئاسان ۋە راۋان.

قۇرئاندىن نىجاتلىق تاپار ھەر ئارمان،
مەدىھىيە تۈگىمەس يازساق مىڭ داستان.
قۇرئان ئۇ ھەقىقەت،سۇنمايدۇ ئەبەت،
كېلىڭلار دوستلىرىم ئوقۇيلى قۇرئان.

ھەققىدە باشقۇرغۇچى

ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر بەندە!

جاۋاب يېزىش

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.