2018-يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش باشلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز كىتاب سۆيەر قېرىنداشلار


2018-يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش باشلاندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنىلىرىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىغان 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن بۈگۈنگە قەدەر مۇشتەرى بولۇش، سېتىۋېلىش، ۋاكەتچىلىك قىلىپ بىرىش، تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ژۇرنىلىمىزنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.
يېقىندا بىر يازمىدا كۆرۈشىمىزچە ھازىر ئامرىكىدا 4500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر نۇپۇسى بار ئىكەن! بۇلارنىڭ ئاساسى كۆپچىلىكى ئوقۇمۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز توپلاشقان بۇ دۆلەتتىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن چىقىرىلىۋاتقان «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» مىزغا مۇشتەرى بولۇپ قوللىغان قېرىنداشلارنىڭ سانى 10 دىن ئاشمايدۇ. زىيالىيلارنىڭ بۇ ژۇرنالغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى، مۇشتەرى بولۇپ، تەۋسىيە ۋە تەشۋىق قىلىشىنى سورايمىز. چۈنكى ئىلمىي ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى مىللەتنىڭ ئوقۇمۇشلىرى بىلمىسە يەنە كىمدىن خاپا بولىمىز؟
ھۆرمەت بىلەن «سىيرەت ئۆسمۈر ژۇرنىلى» تەھرىراتى

ئەسكەرتىش: ئامرىكىدىن مۇشتەرى بولىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇمەريەم ئابدۇرېشىت ھەدىمىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى: 0015714817299

About Author

باشقۇرغۇچى

ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر بەندە!

جاۋاب بېرىڭ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.