ئاۋستىرالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە

ئاۋستىرالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاۋستىرالىيەدە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشتەرى بولالايدۇ.
www.siyret.com

ھەققىدە باشقۇرغۇچى

ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر بەندە!

تەكشۈرۈڭ

سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى قوللىشىڭىزغا مۇھتاج

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج. ژۇرنالنىڭ ئۇمۇمى 5.، 2018-يىللىق 1.سانى نەشىردىن چىقتى… …

2 comments

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    قانداق ئادەملەر سىلەر؟ پۇللۇق ئىكەنغۇ بۇ؟ ۋەتەندە دۇنياغا تويماي چەتئەلدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟ ئەزانراقمۇ ئەمەسكەن تېخى، ئىنساپ قىلىڭلار!

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ
      ھۆرمەتلىك مۇھەممەد قېرىندىشىم!
      ئەسكەرتىشىڭىزدىكى سوئاللىرىڭىزغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتەيلى:

      سوئال: قانداق ئادەملەرسىلەر؟
      جاۋاب: بىز كىندىك قېرىنىمىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە تۆكۈلگەن، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تۇنۇغۇچىلىك ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزمىز…

      سوئال: پۇللۇق ئىكەنغۇ بۇ؟
      جاۋاب: توغرا، سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى پۇللۇق. چۈنكى بىز بۇ خىزمەتنى ئەۋلادلىرىمىزغا ئايرىيدىغان ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمىزنى سەرپ قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز پايدىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن مەخسەتتە قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئارقىمىزدا ئاللاھتىن باشقا كۈچ ۋە تايانچ، تىرىشچانلىقىمىزدىن باشقا قۇۋۋەت، ئاندىن ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ، تەشۋىق ۋە تەۋسىيە قىلىپ قوللىشىپ بېرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن باشقا يۆلەنچىمىز يوق… سىز ژۇرنالدىن بىرنى دەفتەر قەلەم ساتىدىغان دۇكانغا ئېلىپ بېرىپ بىر دانە رەڭلىك كۆپەيتىپ باقسىڭىز باھاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلىشىڭىز مۇمكىن…

      سوئال: ۋەتەندە دۇنياغا تويماي چەتئەلدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟
      جاۋاب: ئەزىز قېرىندىشىم! كىشى باشقىلارنى ئۆزىگە قىياسلاپ تۇرۇپ چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ… بىز ۋەتەندە دۇنيا قوغلىشىپ، تويماي چەتئەلگە چىققانلاردىن ئەمەس، شۇنداق گۇمان قىلىپ قالغان بولسىڭىز بىلىپ قويۇڭكى بۇ گۇمانىڭىز خاتا. بىز ئۇنداقلاردىن ئەمەس. چەتئەلدىمۇ پۇل قولۇشۇپ باقمىدۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ…

      سوئال: ئەزانراقمۇ ئەمەسكەن تېخى،…
      جاۋاب: بۇنىڭ جاۋابى بېرىلىپ بولدى.

جاۋاب يېزىش

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.