Home » سىيرەت ژۇرنىلى » سىيرەت ئۆسمۈر ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇڭ

سىيرەت ئۆسمۈر ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ياردىمى بىلەن 2017-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى. بۇ ژۇرنال پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى.

ژۇرنىلىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، ئىش – پائالىيەتلىرى، ھېكايىلەر، شېئىرىيەت گۈلزارى، ساياھەت خاتىرىسى، قىزىقارلىق كارتونلار، ساھابىلەر ھاياتىدىن ئۈنچىلەر قاتارلىق رەڭدار سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلغۇسى!

بۇ ژۇرنال پەسىللىك بولۇپ، يىلدا 4 سان چىقىرىلىدۇ. ھەر سان 60-70 بەت ئەتراپىدا. ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە تۆت تىلدا نەشىر قىلىنىدۇ.

ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئىلىمسۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ، يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەربىر تىلدىكى ژۇرنالنىڭ يىللىق باھاسى: 50 تۈرك لىراسى، ياكى 13 ياۋرو ۋەياكى 15 دولار.

ئەسكەرتىش: ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانى 1000 دانە بېسىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىنىڭمۇ بېسلىپ بېسىلمايدىغانلىقى سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارغا باغلىق. يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلىسە بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىمۇ بېسىلىپ تارقىتىلىدۇ…

مۇشتەرى قۇبۇل قىلىش ئادرېسى: journal@siyret.com

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ھەققىدە باشقۇرغۇچى

ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر بەندە!

تەكشۈرۈڭ

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟

Watch this video on YouTube

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»مىز ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن 3-يىلىغا قەدەم قويدى. ژۇرنالنىڭ 9- …

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»مىزنىڭ 8.سانى پوچتىغا تاپشۇرۇلدى.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»نىڭ 8. سانى تۈنۈگۈن نەشردىن چىقتى. ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى سانى تۈنۈگۈن …

سىز مۇشتەرى بولۇڭ، بىز يەتكۈزۈپ بىرەيلى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»نىڭ داۋاملىشىشىنى خالايسىزغۇ ؟ ئۇنداق بولسا ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ …

سۆز

  1. بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خەيىرلىك بولسۇن!

جاۋاب يېزىش